گېرمانىيەدىكى تۈرك مىنىستىر: ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىمەن

گېرمانىيەدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر، ماسلىشىش ۋە مۇساپىرلارغا مەسئۇل تۈرك مىنىستىرى ئايدىن ئۆزئوغۇز ھەر كۈنى ئونلارچە ئۆلۈم تەھدىتى ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

234872
گېرمانىيەدىكى تۈرك مىنىستىر: ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئايدىن ئۆزئوغۇز گېرمانىيەدە چىقىدىغان ‹ۋېلت ئامېرىكا سونتاگ› گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەر كۈنى، تېلېفون، مەكتۇپ ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق «سېنىڭ ئورنۇڭ دار ياغىچىدۇر»، «مۇسۇلمانلار دۆلەتتىن دەرھال چىقىپ كېتىڭلار» دېگەن ئۆلۈم تەھدىتلىرى ۋە ھاقارەتلەرگە تولغان ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تەھدىتلەردىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆزئوغۇز، «ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق سېلىنغان تەھدىتلەر ھەققىدە فەيسبۇكقا ئىلتىماس سۇنغان بولساقمۇ جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. بۇ خىل تەھدىتلەر ماڭا قانچىلىك كەلگەن بولسا، بېرلىندىكى كۆپلىگەن مىنىستىر دوستلىرىمىزغىمۇ كەلمەكتە» دېدى.

مىنىستىر ئۆزئوغۇز، يازما تەھدىتلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، لېكىن، كونكېرت مەلۇمات يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىزمەت جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر