سۈرىيەدىكى بىر قايناق بازارغا ۋاكۇئۇم بومبىسى تاشلاندى

بەششار ئەسەد ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ھەلەبتىكى بىر قايناق بازارغا ۋاكۇم بومبىسى تاشلىدى.

233986
سۈرىيەدىكى بىر قايناق بازارغا ۋاكۇئۇم بومبىسى تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 ئادەم يارىلاندى.

مەئادىدىكى قايناق بازارنىڭ ھۇجۇم بىلەن تەڭلا قىيا – چىيا ئاۋازى ئىچىدە قالغانلىقى؛ ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى؛ كۆپ ساندىكى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇم كۆپلىگەن خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەلەبنىڭ ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايوندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 50 ئادەم يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر