ئوباما: ئىراننى توختىتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى - دىپلوماتىيە

غەرب ئەللىرى بىلەن ئىران ئارىسىدا 2 – ئاپرېلدا ھاسىل قىلىنغان يادرو پىلانى رامكا كېلىشىمىدىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققىتى ئىمزالانغۇسى ھەل قىلغۇچ كېلىشىمگە مەركەزلەشتى.

232089
ئوباما: ئىراننى توختىتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى - دىپلوماتىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 30- ئىيۇنغىچە كېلىشىمنى ئاخىرقى باسقۇچقا يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە. لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچى قانات ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان رامكا كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئوباما، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مۇھىم كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى بوب كوركېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئۇ پالاتا ئەزاسى كوركېرنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنىڭ دىپلوماتىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەۋاتقان كوركېر، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن ھەرقانداق كېلىشىمنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرتى كىرگۈزۈلگەن بىر قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلانماقتا.

ئوبامانىڭ مەزكۇر لايىھەگە قارشى چىقىدىغانلىقى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ ئىمزالىمايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر