تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى يەنە زەپەر قۇچتى

تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى يەنە بىرىنچى بولدى.

232219
تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى يەنە زەپەر قۇچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئۇچقان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولدى.
تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى سابىق تەشكىلىي ھەيئەت باشلىقى توپچۇ مۇنداق دېدى: «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى كېيىنكى 12 يىلدا 109 دۆلەت، 268 شەھەرگە سەپەر قىلىپ، ئەڭ كۆپ ئۇچقان ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولدى.»
ھامدى توپچۇ تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 12 يىل ئىچىدە 10مىليون يولۇچىدىن 56 مىليون يولۇچىغا، 1 مىليارد 6 مىليون دوللار كىرىمدىن 17 مىليارد دوللارغا، 10500 خادىمدىن 45مىڭ خادىمغا يەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، كۈنىمىزدە يولۇچىلار سانى جەھەتتە ياۋروپا بويىچە ئىككىنى چوڭ شىركەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھامدى توپچۇ ئايرۇپىلان سانىنىڭمۇ 54 دىن 268غا يەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، 2020-يىلغىچە 253 ئايرۇپىلان زاكاز قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر