چاناققەلئە زەپىرىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا نۇرغۇن دۆلەت قاتنىشىدۇ
مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 60 كە يەتتى.
229004
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاناققەلئە زەپىرىنىڭ 100 – يىلىدا پۈتۈن دۇنياغا تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىقتىن سېگنال بېرىلىدۇ.
23 – ۋە 24 – ئاپرىل كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چاناققەلئە زەپىرىنىڭ 100 – يىلىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنىڭ تەييارلىقلىرى داۋاملاشماقتا.
مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 60 كە يەتتى.
بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ.
پىروگراممىلار 23 - ئاپرىلدا ئىستانبۇلدا چوڭ يىغىن بىلەن باشلىنىدۇ ۋە 24 – ئاپرىل چاناققەلئەدە داۋاملىشىدۇ.