ئۇكرائىنادا رۇس تەرەپدارلىرى يەنە ھۇجۇم قوزغىدى

ئۇكرائىنادا رۇس تەرەپدارلىرى يەنە 6 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

227393
ئۇكرائىنادا رۇس تەرەپدارلىرى يەنە ھۇجۇم قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە رۇسىيە تەرەپدارلىرى ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ھۇجۇمدا 15-فېۋرالدا ھاسىل قىلىنغان مىنسىك كېلىشىمنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئالدىنقى سەپتىن چېكىندۈرۈش كېرەك بولغان ئېغىر تىپلىق قوراللارمۇ ئىشلىتىلدى. دەسلەپكى ھۇجۇم مارىيۇپولنىڭ شىروكىنو ناھىيەسىگە يېقىن جايدا يۈز بەردى. ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل مىناغا بېسىپ پارتلاپ كەتتى، نەتىجىدە 2 ئەسكەر ئۆلدى، 1 ئەسكەر يارىلاندى.
لۇھانسىكتىكى سېۋېرنىي دونېتس دەرياسى ئۈستىدىكى كۆۋرۈككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىزگىنەكلىك بومبىنىڭ پارتىلتىلىشى نەتىجىسىدە 4 ئەسكەر ئۆلدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمنامىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتمىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇر پايتەخت كىيېۋدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرگە قاتناشقان رادىكال تەشكىلاتلاردىن «ئوڭچىل سەكتۆر»نىڭ رەھبىرى پارلامېنت ئەزاسى دىمىترى ياروش، ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر