تروپىك بەلۋاغ بورىنى 36 جانغا زامىن بولدى
باڭلادىشنىڭ شىمالىي قىسمىدا قاتتىق تروپىك بەلۋاغ بورىنى چىقىپ 36 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، يۈزلەرچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
228229
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىشتا چىقىدىغان ‹پروتوم ئالو› گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باڭلادىشنىڭ شىمالىي قىسمىدا قاتتىق بوران چىقىپ، 36 ئادەم ئۆلگەن، 200 دەك ئادەم يارىلانغان.
خەۋەردە، مىڭلارچە ئۆي – ماكاننىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكى ۋە كۆپلىگەن ئاھالىلەر رايونلىرىدا توكنىڭ توختاپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
باڭلادىشتا ھەر يىلى ئاپرېل ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا تروپىك بەلۋاغ بورىنى چىقىدۇ.