خىتايدا بىر سۇ قانىلىدا يەتتە كىشى تۇنجۇقۇپ ئۆلدى

خىتايدا بىر ئائىلىنىڭ ئالتە ئەزاسى سۇ قانىلىغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جېنىدىن جۇدا بولدى.

227615
خىتايدا بىر سۇ قانىلىدا يەتتە كىشى تۇنجۇقۇپ ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇاڭدوڭنىڭ شەنتۇ شەھىرىدە 17 ياشلىق بىر قىز سۇ قانىلىنىڭ بويىدا قولىنى يۇيۇۋاتقاندا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. ئارقىدىن قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇغا سەكرىگەن ئانىسى، دادىسى، ئىنىسى ۋە سىڭلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلىنىڭ ئالتە ئەزاسى سۇدا بوغۇلۇپ ئۆلگەن.
مەسئۇل دائىرىلەر، سۇ قانىلىدىن بىر ئائىلىدىكى يەتتە كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر