«جامائەتى ئىسلامىي» رەھبىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى تەستىقلاندى

باڭلادىش ئالىي سوت مەھكىمىسى، جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇھەممەد قەمەرۇززامانغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىدى.

227634
«جامائەتى ئىسلامىي» رەھبىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەمەرۇززامان 1971- يىلىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئەسناسىدا، پاكىستاننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بىر قوراللىق تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ۋە كۆپ ساندا پۇقرانى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن، مۇھەممەد قەمەرۇززاماننىڭ ‹مەخسۇس سوت تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىشى› غا دائىر ئالىي سوتقا سۇنغان ئىككىنچى تەلىپىمۇ رەت قىلىنغان بولدى.

2013- يىلى بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرىسىدىكى ئاخىرقى ئەرزنامىنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن، 62 ياشلىق قەمەرۇززاماننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىي چىقىش يوللىرى پۈتۈنلەي تۈگىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر