ئامېرىدىكى تۈركلەر ئەرمەنىيلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئامېرىدىكى تۈركلەر ئەرمەنىيلەرنىڭ تەتۈر تەشۋىقات پائالىيىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

226595
ئامېرىدىكى تۈركلەر ئەرمەنىيلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تۈركلەر، ئەرمەنىيلەرنىڭ ئاتالمىش 1915 يىل ۋەقەلىرى ھەققىدە تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى.
تۈركلەر ۋاشىنگىتون، نىيۇيورك، تېكساس ۋە ماسساچۇسېت قاتارلىق شەھەرلەردىكى مۇھىم جايلارغا لوزۇنكىلارنى ئېسىپ، ئېلان بېرىشكە باشلىدى.
مەركىزى ئامېرىكىدا بولغان 145 تۈرك-ئامېرىكا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان رەھبەرلىك كومىتېتى، پايتەخت ۋاشىنگىتوندىكى بەى يەر ئاستى پويىز بېكەتلىرى بىلەن ئاپتۇبۇس لىنىيەلىرىگە ناھايىتى چوڭ لوزۇنكىلارنى ئېسىشتى، لوزۇنكىلاردا «بىزنى بىرلەشتۈرۈڭلار، ئايرىۋەتمەڭلار» دېگەن شوئارلار يېزىلدى.
ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ تۈرك تەرەققىيات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن نىيۇيورك، تېكساس ۋە ماسساچۇسېت قاتارلىق ئىشتاتلىرىدا ئېلان بېرىلىدىغان بولدى. ئامېرىكىدىكى تۈركلەر تېكاس، ئىلىيونس، ماسساچۇسېتت ۋە جېرسېي قاتارلىق ئىشتات مەجلىسلىرىگە تۈركىيەگە پايدىلىق بولغان لايىھەلەر سۇنۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ئەرەمەنىي دىئاسوپراسىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئالدىدا، «تارىخ قارار بېرىدۇ» دېگەن شوئار بىلەن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىنتېرنېت تور بېتىنى ئېلان قىلغان رەھبەرلىك كومىتېتى، 18-ئاپرېلدا Twitter دا lethistorydecide hashtag دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
رەھبەرلىك كومىتېتى ئەرمەنىيلەر تەرىپىدىن 1915-يىل ۋەقەلىرىنىڭ خاتىرىلەش كۈنى ھېسابلىنىدىغان 24-ئاپرېلدا ۋاشىنگىتوندا تۈركلەر بىلەن ئەرمەنىيلەر ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كۆۋرىكى قۇرۇش ئۈچۈن «تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق» شوئارلىرى ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر