تالىبان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشتى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان فەرياب ئۆلكىسىدە تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

226421
تالىبان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇشتا تالىباننىڭ 7 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى، 3 تالىبان بىلەن 1 ساقچى يارىلاندى.

فەرياب جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نابى ئىلھام، تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ قەيسەر، گۇرزىۋان، بېلچىراگ ۋە خوجا سەبزپۇش ناھىيەلىرىدىكى ساقچى پونكىتلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەنە قۇندۇز ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن بىر جايغا توختىتىپ قويۇلغان ۋېلىسىپىت بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، 2 سى ساقچى بولۇپ، جەمئىي 10 ئادەم يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر