مالايسىيادا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
مالايشىيادا بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئالتە ئادەم قازا قىلدى.
226482
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتە ئادەمنى ئېلىپ كۇانتان شەھىرىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن تىك ئۇچار ئايروپىلان، سېمېنيىخ شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا چۈشۈپ كەتتى.
قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلدى؛ ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2009، 2012- يىللىرى ئارىسىدا مالايشىيانىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن پارلامېنت ئەزاسى جامالۇددىن جارجىسمۇ بار ئىكەن.
قازاغا ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى كىشىلەر، مالايشىيا باش مىنىستىرى نەجىپ رازاقنىڭ قىزىنىڭ تويىغا قاتناشقاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىۋاتاتتى.