بوكو ھارام بۇلتۇردىن بۇيان 7300 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان
بوكو ھارام تەشكىلاتى يەنە قانلىق ۋەقە سادىر قىلدى
226603
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 5 ئادەم ئۆلدى. بورنونىڭ پايتەختى نايدۇگۇرىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان كاياملا يېزىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، مىلىتانلار يەرلىك خەلققە ئوق چىقاردى.
مىلىتانلار خەلققە ئوق چىقارغاندىن كېيىن پۇل-پىچەك قاتارلىق نېمە بولسا يېزىدىكىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىپ قايتىپ كەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىگېرىيەدە بوكو ھارامنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 7300دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.