رامكا كېلىشىمى تېھرانىنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈردى

ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن يادرو مەسىلىسىدە رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى تېھراننى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈردى.

225212
 رامكا كېلىشىمى تېھرانىنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندىكى غەربكە قارشى گۇرۇپپىلار بولسا رامكا كېلىشىمىنى غەربكە باش ئەگكەنلىك دەپ قارىماقتا. بىراق تېھران كوچىلىرى ۋە مەيدانلاردا خۇشاللىق سادالىرى ياڭرىماقتا.
يادرو مۇزاكىرىلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىفنىڭ تېھراندا قەچرىمانلارچە قارشى ئېلىنىشىدىن كېيىن، ئىرانلىقلار كوچىلار ۋە مەيدانلاردا خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلماقتا، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىفنى مەدھىيەلەپ شوئارلارنى توۋلىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر