يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ھادى تەرەپدارلىرى توقۇنۇشتى

يەمەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەدەن شەھىرىدە پىرېزىدېنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادى تەرەپدارى خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتى كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

221897
يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ھادى تەرەپدارلىرى توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇشتا 10 ھۇسىي مىلىتانى ئۆلدى ۋە ھۇسىيلارنىڭ 3 تانكىسى پاچاقلاپ تاشلاندى.

سابىق پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنى قوللايدىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھۇسىيلارنىڭ ئەدەنگە قاراپ ئىلگىرىلىشى بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىشلەرگە قارىماي داۋاملاشماقتا. ھۇسىيلار شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، زەمبىرەكلەر ۋە مەرگەنلەرنى ئىشقا سالماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى، دەپ قارىلىۋاتقان قوراللىق كىشىلەر، ھەزرەمەۋت شەھىرىگە قاراشلىق ئەلمۇقەللا رايونىدىكى يەمەن مەركىزىي بانكىسىنىڭ شۆبىسى ۋە مەركىزىي تۈرمىگە ھۇجۇم قىلدى؛ ھۇجۇمچىلار تۈرمىدىكى ئەلقائىدە تېررورچىلىرىنى قويۇپ بەردى. ھۇجۇم ئەسناسىدا شەھەردە 4 ئايرىم پارتلاش مەيدانغا كەلدى ۋە مىلتىق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر