ئەسەد ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى جايلاردىن تەلتۈكۈس ئايرىلىپ قالدى

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىيوردانىيە بىلەن بولغان قۇرۇقلۇقتىكى ئالاقىسى تەلتۈكۈس ئۈزۈلۈپ قالدى.

221624
ئەسەد ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى جايلاردىن تەلتۈكۈس ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە – ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى رايون نەسىب (جابىر) چېگرا ئېغىزى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئۆكتىچىلەر ئۇ يەرگە سۈرىيە ئىنقىلاب بايرىقىنى چىقاردى. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە نەسىب چېگرا ئېغىزىنىڭ قولدىن كېتىشىگە ئەسەد ھاكىمىيىتى يېقىنقى ئايلاردا دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر تالاپەت، دەپ باھا بېرىلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن پايتەخت دەمەشقتە پەلەستىنلىك مۇساپىرلار ياشايدىغان يەرمۇك لاگېرىدا دائېش ئەزاسى تېررورچىلار ئۆكتىچى كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلدى. كۆپ قىسمى دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن لاگېرنى ئەسەد كۈچلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلماقتا.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ كەلگەن يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرى، 3 يىلدىن بۇيان ئەسەد كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر