خىتايدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قىمار ئويناتقان 1071 ئادەم تۇتۇلدى

خىتايدا 1071 كىشىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق قىمار ئوينىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

221957
خىتايدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قىمار ئويناتقان 1071 ئادەم تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق قىمار ئوينايدىغان شايكىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى ۋە ھېساۋاتلىرىدىكى 330 مىليون يۈەن پۇلنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شايكىنىڭ تايلاندتىكى ئىنتېرنېت مۇلازىمېتىرى ئارقىلىق كىرگىلى بولىدىغان 200 گە يېقىن قىمار تور بېتى ياساپ چىققانلىقى قەيت قىلىندى. بىر تور بەتنىڭ ئايلىق باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ 70 مىڭ يۈەن بىلەن 100 يۈەن ئارىسىدا باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي قىمار ئويناش ۋە ئوينىتىشنى 1949- يىلى مەنئىي قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر