ئايروپىلان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يىپ ئۇچى تېپىلدى

فىرانسىيەدىكى ئايروپىلان ۋەقەسى ئۈستىدە مۇھىم تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

289662
ئايروپىلان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يىپ ئۇچى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا. 
تەپتىش خادىملىرى 150 كىشى ئۆلگەن ئايروپىلان  ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارى، دەپ ئېلان قىلىنغان مۇئاۋىن ئۇچقۇچى ئاندېرس لۇبتىزنىڭ روھىي سالامەتلىكىگە مەركەزلەشتى.
ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن سارپ قىيالىقلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتلاردا ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارى ئېلان قىلىنغان مۇئاۋىن ئۇچقۇچى ئاندېرس لۇبتىزمۇ قارا قۇتىدەكلا مۇھىم يىپ ئۇچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا، لۇبتىزنىڭ پىسخىكىلىق مەسلىلىرى بارلىقىغا دائىر قاراشلار خەۋەر قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، مۇئاۋىن ئۇچقۇچى خىزمەتداشلىرى ۋە دوختۇرلار بىلەن نورمال كۆرۈشۈپ تۇرىدىكەن. گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسى لۇبتىزنىڭ يىللار ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، بىراق كېيىنكى كۈنلەردە بۇنداق ئىشنىڭ قايتا يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر