«نانو كارتۇچكۇسى» بىلەن ۋىرۇسنى دەرھال بايقىلى بولىدۇ

تۈرك ۋە ئامېرىكلىق تەتقىقاتچىلار ھەمكارلىق ئورنىتىپ «نانو كارتۇچكۇسى» لايىھلەپ چىقتى.

289675
«نانو كارتۇچكۇسى» بىلەن ۋىرۇسنى دەرھال بايقىلى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ۋە ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ۋىرۇسلارغا چېتىشلىق كېسەللىكلەرنى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە بايقاپ چىققىلى بولىدىغان بولدى.
بىر مېتىرنىڭ يۈز مىليوندا بىرى ئۇزۇنلىقىدىكى بىر مولېكولانىڭ، بىر نانو پارچىسىنىڭ ياكى بىر ۋىرۇسنىڭ ماسسىسنى ۋە شەكىلىنى ئۆلچىيەلەيدىغان «نانو مېخانىك كارتۇچكۇسى» تۈرك ۋە ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا لايىھلەپ چىقىلدى. يېنى تېخنولوگىيەنىڭ سەھىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىشى بىلەن، بولۇپمۇ ۋىرۇسلارغا چېتىشلىق كېسەللىكلەرنى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئېنقىلىغىلى بولىدىكەن.
تۈركىيەدىن بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنىستېتۇتى ۋە مېلبون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ، بۇ تەتقىقات 5 يىل ئىلگىرى باشلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر