بىرازىلىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

289793
بىرازىلىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو شەھىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشتا ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، دۆلەت نېفىت شىركىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى شوئارلار توۋلاندى.
ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر پىرېزىدېنت دىلما روسېفنىڭ ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى. نامايىشچىلار ئوتتۇرا سىنىپ تەبىقىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى بىلەن پۇل پاخالىشىش نىسبىتى ۋە باجلارنىڭ ئۆستۈرۈلۈش مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى بۇرىدى.
ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان نامايىشچىلار، ئىجتىمائىي مېديا ئارقىلىقمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ باردى. تەخمىنەن 1 ئاي كېيىن باشلىنىدىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۆلەتتە خەلق ئاممىسى بۇ پائالىيەت ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان چىقىملارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئوخشاش ساھەلەرگە ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر