ئەششەباب مىلىتانلىرى بىر مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلدى
ئەششەباب مىلىتانلىرى سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا بىر مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلدى.
285121
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مېھمانسارايدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان مىلىتانلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى، ھەربىي ھەرىكەتتە 10 كىشى ئۆلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا شىۋېتسارىيە باش ئەلچىسىمۇ بار ئىكەن.