چىلىدا سەل ۋە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

چىلىنىڭ شىمالىدا سەل ئاپىتى، جەنۇبىدا بولسا قۇرغاقچىلىق ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى تۈپەيلى ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

284296
چىلىدا سەل ۋە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلىنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە 7 كىشى قازا قىلدى، ئولتۇراق مەھەللىلىرىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىزمەتلىرى ئاقساپ قالدى.
يەر كۆچۈش خەۋپى ۋە سەل ئاپىتى تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان يېزا – قىشلاقلارنىڭ ئاھالسى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
چىلىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن 3 ئورمانلىقتا بولسا ھاۋانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىسسىپ كېتىشى ۋە قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
قانچە يۈز گېكتارلىق ئورمانلىقنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن چىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر