ئوباما ھاياتىدىن ئايرىلغان يولۇچىلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى

«جېرمەن ۋىڭىس» ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ فىرانسىيەدە چۈشۈپ كەتكەن « Airbus A320» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ بىر قارا قۇتىسى تېپىلدى.

280455
ئوباما ھاياتىدىن ئايرىلغان يولۇچىلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كازنۆۋ جەنۇبىي رايوندا چۈشۈپ كەتكەن « Airbus A320» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ بىر قارا قۇتىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئايروپىلان قالدۇقلىرى تېپىلغان رايونغا باردى ۋە ئايروپىلاندا 144 يولۇچى، ئالتە ئايروپىلان خادىمى بارلىقىنى توغرىلىدى. ئۇ ئايروپىلان قالدۇقلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە قوراللىق ساقچىلاردىن تەشكىللەنگەن 300 كىشىلىك ئەترەتنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە 10 تىك ئۇچار ۋە بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ۋەقەنىڭ ناھايىتى تىراگېدىيەلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ۋەقەدە ساق قىلىش ئېھتىمالى ناھايىتى ئاز» دېدى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇا ئولاند ئايروپىلاندا كۆپ ساندا تۈركىيەلىك يولۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئايروپىلاندا پەقەت بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
«جېرمەن ۋىڭىس» ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ۋەقە يۈز بەرگەندە ھاۋا رايىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ۋە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. باياناتچى ئايروپىلاننىڭ 6 مىڭ سائەتلىك سىناق ئۇچۇش تەجرىبىسىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا بىر كۈن بۇرۇن كونترول قىلىنغانلىقىنى؛ ئاخىرقى قېتىملىق رېمونت ۋە ئاسىراش ئىشلىرىنىڭ 2013 – يىلى ياز ئېيىدا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋەقەنىڭ مېخانىك كاشىلا تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلماقتا.
«جېرمەن ۋىڭىس» ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى يولۇچىلار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنىقلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئائىلىلىرىگە خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئايروپىلاندا 67 گېرمانىيە پۇقراسى ۋە 45 ئىسپانىيە پۇقراسىنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىيانو راجوي ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە يىمەك – ئىچمەك يەرمەنكىسىدىن قايتقان ئىسپانىيەلىك كارخانىچىلار، گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر ۋە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى بويىچە بارسېلونادا ئوقۇۋاتقان گېرمانىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئىسپانىيەدە ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى. گېرمانىيەدە بولسا، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ھاياتىدىن ئايرىلغان 150 يولۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئوباما ئايروپىلاندا ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ بار – يوقلۇقىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇ جەرياندا، گېرمانىيەدىكى بەزى ئايرودۇرۇملاردا «جېرمەن ۋىڭىس» ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شىركەت ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر