لىۋىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ لىۋىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بىنغازىدا بىر ھەربىي كونىترول نۇقتىسىغا قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى قازا قىلدى.

280251
 لىۋىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئى ش ئى د 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 12 كىشى يارىلانغان ھۇجۇمنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ئېلان قىلدى.
يەرلىك مەنبەلەر بولسا ھۇجۇم توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلمىدى.
دوختۇرخانا مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەنە بىنغازىدا يۈز بەرگەن راكېتا بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلگەن، 3 كىشى يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ترابلۇس ۋە توبرۇق مەركەزلىك 2 ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان لىۋىيەدە ئى ش ئى د ھاكىمىيەت بوشلۇقى سەۋەبىدىن تەسىر كۈچىنى زورايتماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر