ئىراقتا دائېشقا قارشى ئۇرۇش داۋام قىلماقتا
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم ۋە ئىران ئارمىيەسى ئىراق بىلەن سۈرىيەدە دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق قىسىمنىڭ كەرمە شەھىرىدە دائېش(ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى) نۇقتىلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 13 تەشكىلات ئەزاسى ئۆلدى.
ئىراق ئارمىيەسى ئىككى ھەپتە بۇرۇن شىئە قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن باشلىغان تىكرىتنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىدا بەش ئادەم ئۆلدى، سەككىز ئادەم يارىلاندى.
ئىراق پارلامېنتى بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى شاخاۋان ئابدۇللاھ ئىراننىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنى قوللاپ ئەۋەتكەن 30 مىڭ ئەسكەر ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردە ئۇرۇشلارغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ جەرياندا، سۇداندا تىبىىي كەسىپتە ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ سۈرىيەگە بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەتتە ئەنگلىيەلىك، بىر ئامېرىكىلىق ۋە بىر كانادالىق ياشنىڭ دائېشقا قېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
دائېشنىڭ ھاما شەھىرىدە قىلغان ھۇجۇمىدا 70 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.