ئامېرىكىدا ئۇرۇشلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچى يۈزلەرچە كىشى ئىراق ئۇرۇشى باشلانغانلىقىنىڭ 12- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇيوركتا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

276168
ئامېرىكىدا ئۇرۇشلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوللىرىدا «ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قارشىمىز»، «ئۇرۇشنى ئەيىبلەڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان ھالدا ئاق ساراينىڭ ئالدىغا توپلانغان ئۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچىلار، «يېڭى ئۇرۇشلارنى خالىمايمىز» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار ئارقىدىن ئاق سارايدىن دۆلەت مەجلىسىگە قاراپ يۈرۈشكە باشلىدى. كۆپ ساندا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن پائالىيەتتە بەزى نامايىشچىلار، ئۈستىگە ئىراق بايرىقى ئارتىلغان بالىلار تاۋۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ‹Answer› ناملىق ئۇرۇش ۋە ئىرقچىلىققا قارشى ئورگاننىڭ باشلىقى بىرىئان بېكېر، يېڭى ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايدىلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

نامايىشنىڭ ئەڭ دىققەت تارتقان پائالىيەتچىلىرى بولسا، ئۈستىگە سېرىق رەڭلىك كىيىم، بېشىغا خالتا كىيىۋېلىش ئارقىلىق گۇانتانامو مەھبۇسلىرىنى ئەسلەتكەن 3 ياش بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر