پاكىستان تالىبانىنىڭ 80 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

پاكىستان ئارمىيەسى، ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدىكى تالىبان قوراللىقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىدە تەشكىلاتنىڭ 80 ئەزاسىنى ئۆلتۈردى.

276170
پاكىستان تالىبانىنىڭ 80 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باياناتچىسى مايۇر گېنېرال ئاسىم سالىم باجۋا بايانات بېرىپ، خەيبەر رايونىنىڭ ئافغانىستان – پاكىستان چېگراسىغا يېقىن يەردە قوراللىق كىشىلەر بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ھاۋا ئارمىيەسى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن ھەربىي ھەرىكەتتە 7 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. باجۋا ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا يەنە، 100 تېررورچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا شىمالىي ۋەزىرىستاندا، ئۆكتەبىر ئېيىدا خەيبەر رايونىدا تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ھازىرغىچە 2300 دىن ئارتۇق تالىبان قوراللىقلىرى ئۆلتۈرۈلدى.

دېكابىر ئېيىدا تەشكىلات مىلىتانلىرىنىڭ پېشاۋۇردىكى بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 150 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر