سۈرىيەدە نورۇز بايرىمىدا 31 كىشى قازا قىلدى

سۈرىيەدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى قانغا بويالدى.

275109
سۈرىيەدە نورۇز بايرىمىدا 31 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھاسېكى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 31 كىشى قازا قىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇم موتسىكلىتكە پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان، ھۇجۇمدا 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 96 كىشى يارىلانغان، ھۇجۇمدىن كېيىن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىكار قىلىنغان.
كۈرت گۇرۇپپىلارغا كۆرە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئى ش ئى د مىلىتانلىرى ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر