خىتاي، جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيە بىر ئۈستەلدە ئۇچراشتى

رايوندىكى زېمىن ئېگىلىك ھەقۇقى مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن يېرىكچىلىكلەرنىڭ ۋە دىپلوماتىك چۈشۈنىشمەسلىكلەرنىڭ تۈگۈتىلىشىنى نىشان قىلىنغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئورتاق بايانات ئېلان قىلىندى.

275532
خىتاي، جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيە بىر ئۈستەلدە ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولدى.
پايتەخت سۇئېلدە جەنۇبىي كورىيە پىرېزىدېنتى پارك گېئۇن خاينىڭ ساھىبخانلىقىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇن بىيۇڭ سى بىر يەرگە جەم بولدى.
رايوندىكى زېمىن ئېگىلىك ھەقۇقى مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن يېرىكچىلىكلەرنىڭ ۋە دىپلوماتىك چۈشۈنىشمەسلىكلەرنىڭ تۈگۈتىلىشىنى نىشان قىلىنغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئورتاق بايانات ئېلان قىلىندى.
باياناتت، ئۇچىلى تاشقى مىنىستىرلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ئالىي دەرجىلىك يىغىن ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جەنۇبىي كورىيە، خىتاي ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 3 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقى ۋە جەنۇبي كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن تازىلاش نىشانىنىڭ ساقلىنىپ قىلىشى جەھەتتە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلىشتى.
جەنۇبىي كورىيە بىلەن خىتاي 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا، «ياپونىيە خىتاينى ئىشغال قىلغانلىقىنى ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىنىمۇ بېسىۋالغانلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىۋاتىدۇ» دېگەن قاراش يارىتىش ئارقىلىق ياپونىيەدىن ئۈستۈنلىككە ئىگە بولغان ئىدى.
ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابىنىڭ 2013 - يىلىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئەمما ئارىسىدا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىمۇ بولغان ياپونىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ياسىتىلغان خاتىرە قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقى، خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر