نىگېرىيە: بوكو ھارامنىڭ 228 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

نىگېرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مائى بۇلاما» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتە يېقىنقى 19 كۈن ئىچىدە 228 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

272250
نىگېرىيە: بوكو ھارامنىڭ 228 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى مۇستاپا لېدرۇ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، چاد ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، نىگېرىيەنىڭ 1 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 8 ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بوكو ھارامنىڭ ئىككى تانكىسىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن لېدرۇ، 10 ئاپتوموبىل، 74 موتوسىكلېت، كۆپ مىقداردا قورال ۋە ئوق – دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تېررورچىلارنىڭ نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دوتچى – داماساك رايونىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان لېدرۇ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بوكو ھارام تەشكىلاتى يوقىتىپ تاشلانغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نىگېر مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، خەلقنى ساراسىمگە چۈشمەسلىككە، ئەسكەرلەرگە ھەمدەم بولۇشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر