ئەسەد كۈچلىرى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا تەييارلانماقتا

سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق ئەسكەرلەر لازىقىييە تاغلىق رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

265802
ئەسەد كۈچلىرى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاكىمىيەت كۈچلىرى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بايىربۇرجاك تۈركمەن رايونى ۋە جەبەل ئەكراد رايونىدىكى يېزىلارغا مەركەزلەشتۈردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رايوندىكى پارتلاش ئاۋازلىرى تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىنىڭ يايلاداغى ناھىيەسىگىمۇ ئاڭلانماقتا. ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بارغان جەبەل ئەكراد رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدىن قاچقان كىشىلەر تۈركىيە چېگراسىغا كەلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر