نىگېرىيەدە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تارابە ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا كەم دېگەندىمۇ 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

265505
نىگېرىيەدە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇش فۇلانى قەبىلىسىگە مەنسۇپ قوراللىق پادىچىلار بىلەن ئائېگبا يېزىسى ئاھالىسى ئارىسىدا مەيدانغا كەلدى. فۇلانى قەبىلىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىر پادىچىسىنىڭ ئائېگبا يېزىسىدىكى دېھقانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.

تارابە ئۆلكىسىدە رايوندىكى يەرلىك ئاھالە بىلەن ئۇ يەردە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فۇلانى قەبىلىسى ئارىسىدا يەر – زېمىننىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە مال – چارۋىلارنى ئېلىپ قېچىش دېگەندەك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن پات – پات سۈركىلىشى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر