مالايشىيادا ئىككى ئايروپىلان ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتتى

مالايشىيادا ھىندونېزىيە دارۋازلىرىغا تەۋە ئىككى نومۇر كۆرسىتىش ئايروپىلانى ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتتى.

264753
مالايشىيادا ئىككى ئايروپىلان ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاڭكاۋى خەلقئارا دېڭىزچىلىق ۋە ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق مەشقى قىلىۋاتقان ئەسنادا مەيدانغا كەلگەن قازا نەتىجىسىدە ئايروپىلانلار كۆيۈپ كەتتى.

سەكرىۋېلىش ئورۇندۇقىدىن ئاخىرقى لەھزىلەردە سەكرىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئۇچقۇچىلار پاراشۇتلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق قۇتۇلۇپ قالدى. بالنىستقا ئېلىنغان ئۇچقۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر