سى ئاي ئى «دائېش» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

«سى ئاي ئى» نىڭ باشلىقى «ئى ش ئى د»غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەشكىللىك ھۇجۇملارنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

263318
سى ئاي ئى «دائېش» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «سى ئاي ئى» نىڭ باشلىقى «ئى ش ئى د» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارت تەشكىلاتى «سى ئاي ئى» نىڭ باشلىقى جون بىرېننان، نيۇ يورك تاشقى ئىشلار كېڭىشىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئى ش ئى د»غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەشكىللىك ھۇجۇملارنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جون بىرېننان فىرانسىيەدىكى ھەجىۋى رەسىم ژۇرنىلىغا قىلىنغان ھۇجۇم، دانىيەدە راژېسسورنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ۋە پاكىستاندىكى ساقچى مەكتىپىگە بېسىپ كېرىپ قەتلىئام قىلىش قاتارلىق تېررولۇق ۋەقەلىرىنى ئەسلىتىپ، «بۇ ھۇجۇملار تېررولۇقنى رازۋېتكا قىلىش ۋە ھۇجۇملىرىنى ئالدىن توسۇپ قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ نەقەدەر قىيىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
«ئى ش ئى د»نىڭ تەشكىلات قۇرۇلمىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئى ش ئى د» مېلېتانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دىن نىقاۋىغا ئورنىۋالغان رەھىمسىز قاتىللاردۇر، دېدى.
جون بىرېننان «ئى ش ئى د» ئەزالىرىنى «مۇسۇلمان تېرروچى» دەپ ئاتاشنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ قاتىللارنى "مۇسۇلمان تېررورچى" ياكى "ئاشقۇن ئىسلامچى" دەپ ئاتاش، بۇلارنى ئارزۇسىغا يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ، بۇلارنى شۇنچە ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىگە بولالمايۋاتقان بىر خىل قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىلغانلىق بولىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر