مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يەنە قولغا ئېلىندى

مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن يەنە 75 كىشى قولغا ئېلىندى.

261033
 مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يەنە قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قولغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە ھەرقايسى شەھەرلەردە «زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقى» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلارنىڭمۇ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى جاكارلىدى.
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئاخبارات ۋاستىلىرى باياناتچىسى مۇھەممەد مۇنتەسىر، قولغا ئېلىش قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «دۆلەتتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە مەۋجۇت ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇم – سىتەملىرىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىدى.
مىسىردا 2013 – يىلى 3 – ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن لىدەرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىلار دائىم دېگۈدەك قولغا ئېلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر