خىتايدا بوۋاقلارنىڭ ئاشكارا سېتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

ب ب س مۇخبىرى ئىنتېرنېتتە ئاشكارا سېتىشقا چىقىرىلغان بىر باۋاقنىڭ ئېلانىنى ئۇچراتقان. ئېلاندا 8 ئايلىق، تەن - سالامەتلىكى ياخشى بىر قىز بۇۋاققا 30 مىڭ دوللار باھا قويۇلغان.

258820
خىتايدا بوۋاقلارنىڭ ئاشكارا سېتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر، خىتايدا بوۋاقلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاشكارا سېتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
ساقچىلارنىڭ شۇنچە كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىشلىرىغا قارىماستىن، خىتايدا ھازىر بۇۋاق ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي ساقچىلىرى، ئوغۇرلانغان بوۋاقلارنى بېقىۋىلىشقا بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە بوۋاق ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىغا كۆرە، خىتايدا ھەر يىلى 20 مىڭغا يېقىن بوۋاق ئوغرىلىنىپ كېتىدىكەن ۋە بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسى بالا بېقىۋىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرگە سېتىلىدىكەن.
خىتاي قانۇنىدا بالىسىنى بېقىۋىلىشقا بېرىش ئۈچۈن ئېلان چىقىرىش چەمكلەنمەيدۇ، بىراق بوۋاقنى سېتىش قانۇنغا خىلاپ ھېسابلىنىدۇ.
ب ب س مۇخبىرى مارتىن پاتېنجە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىنتېرنېتتە ئاشكارا سېتىشقا چىقىرىلغان بىر باۋاقنىڭ ئېلانىنى ئۇچراتقان. ئېلاندا 8 ئايلىق، تەن - سالامەتلىكى ياخشى بىر قىز بۇۋاققا 30 مىڭ دوللار باھا قويۇلغان.
ب ب س مۇخبىرلىرى بوۋاقنى ساتقان كىشى بىلەن ئالاقە ئورناتتى. بوۋاق ساتقۇچى ب ب س مۇخبىرلىرى بىلەن ۋىدېئولوق كۆرۈشۈپ، بوۋاق كۆرسەتتى. بوۋاق ساتقۇچى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش قۇرمىغانلىقىنى، ئەمما 3 بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بېقىش تەس كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى. ب ب س مۇخبىرلىرى بۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغانلىقى يۈزىسىدىن ئايالدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى خىتاي ساقچىلىرىغا يەتكۈزدى.
ب ب س مۇخبىرى مارتىن پاتېنجە خىتايدىكى بوۋاق ئەتكەسچىلىكلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا نۇقتىلىق سەۋەب بولۇۋاتقىنى پەرزەنت كۆرمىگەن ئائىلىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالدىنقى يىلى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۇتۇش ھەرىكىتىدە مىڭدىن ئارتۇق بوۋاق ئەتكەسچىسى قولغا ئېلىنغان ۋە 400 دىن ئارتۇق بۇۋاق قۇتقۇزۇپ قېلىنغان ئىدى.
خىتاي ئەتكەسچىلىكنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ بەزىدە بوۋاق ئەتكەسچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسىمۇ بېرىدۇ. لېكىن بوۋاق ئەتكەسچىلىكىگە قارشى سەپەرۋەرلىك باشلغان كىشىلەر بولسا، «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بوۋاق سېتىۋالىدىغانلارغا قارىتا تېخىمۇ ئېغىر جازالارنى يولغا قويمىسا، بوۋاق ئەتكەسچىلىكى بارغانچە تېخىمۇ بەك ئەۋج ئالىدۇ» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر