ئىسرائىلىيە 20 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بەيتۇللەھمە ۋە نابلۇس شەھەرلىرىدە 20 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

257282
 ئىسرائىلىيە 20 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بەيتۇللەھمە شەھىرى ئەتراپىدىكى تېگۇئا رايونىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ 14 پەلەستىنلىكنى، نابلۇس شەھىرىدىمۇ 3 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان. بۇ جەرياندا رايوندىكى ياشلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى بولسا قولغا ئېلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلمىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا پات – پات ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ، تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى قولغا ئالماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر