سۈرىيەدە توقۇنۇشلار لازقىيە رايونىغا مەركەزلەشتى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى لازقىيە رايونىغا جايلاشقان يېزا قىشلاقلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.

256995
 سۈرىيەدە توقۇنۇشلار لازقىيە رايونىغا مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى تۈركمەن بايىربۇجاق ۋە جەبەل ئەقراد رايونلىرىغا مەركەزلەشمەكتە.
بەششار ئەسەد كۈچلىرى، لازقىيە رايونىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى جايلارغا ھەم ھاۋادىن ھەم قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى. ئۆكتىچىلەرنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى نەتىجىسىدە رايوندا پات – پات قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى.
جەبەل ئەقراد رايونىدىن قاچقان ئائىلىلەر، سۈرىيە ئىچىدىكى بىخەتەر رايونلارغا ۋە تۈركىيە چېگرىسىغا كەلدى.
بەششار ئەسەد كۈچلىرى، جەبەل ئەقرادتىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۇرىن تۆپىلىكىنى 3 كۈن بۇرۇن قولغا كىرگۈزگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر