غەززەلىك كىچىك بالىلار ياپونىيەنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدى

تېخى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تۇپەيلى ئۆلۈم ياغدۇرغان غەززە ئاسمىنى بۇ قېتىم رەڭگارەڭ لەگلەكلەر بىلەن بېزەلدى.

256522
غەززەلىك كىچىك بالىلار ياپونىيەنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:غەززەلىك كىچىك بالىلار «كاشكى دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە ئۆلۈم بولمىسا» دېگەن مەنىلىك سۆزلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلدى.
غەززەلىك كىچىك بالىلارنىڭ ئۈمىدكە ئېھتىياجى بار. لېكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار باشقىلارنىڭ دەرت - ئەلەملىرىگىمۇ ئىنكاس قايتۇردى. ياپونىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۈمىد لەگلەكلىرىنى ئۇچۇردى.
تېخى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تۇپەيلى ئۆلۈم ياغدۇرغان غەززە ئاسمىنى بۇ قېتىم رەڭگارەڭ لەگلەكلەر بىلەن بېزەلدى.
غەزەللىك كىچىك بالىلار ئازاب – ئوقۇبەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا، ياپونىيەدە 2011 – يىلى 11 – مارتتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويمىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ قوللاپ - قۇۋەتلىشى بىلەن «ئۈمىد لەگلەكلىرى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى ۋە ياپونىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر خاتىرىلەندى.
غەززەلىك كىچىك بالىلار «كاشكى دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە ئۆلۈم بولمىسا» دېگەن مەنىلىك سۆزلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلدى.
پائالىيەت ياپونىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە مەسئۇل ۋەكىلى جۇنيا ماتسۇرا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززە دىرېكتورى روبېرت تورنېر يېپىلىش نۇتىقى سۆزلىگەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر