قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان دۇنيانى ئايلىنىشنى باشلىۋەتتى

قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن ئۇچىدىغان «2The Solar İmpulse» ناملىق ئايروپىلان نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانى ئايلىنىشقا باشلىدى.

254919
قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان دۇنيانى ئايلىنىشنى باشلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن ئۇچىدىغان ئايروپىلان بۈگۈن (9 – مارت) ئەتىگەن شۇ يەر ۋاقتى 7:12 ئۆتكەندە، دۇنيانى ئايلىنىش ئۈچۈن ئەبۇ زابىدىن كۆككە كۆتۈرۈلدى. ئايروپىلان دۇنيانى ئايلىنىشنى غەلىبىلىك تاماملىغان تەقدىردە، قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى سىناش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. «پاكىزە ئېنېرگىيە» شوئارى بىلەن ياسالغان مەزكۇر ئايروپىلان، 13 يىللىق تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئايروپىلاننى شىۋېيتسارىيەلىك 63 ياشلىق ئۇچقۇچى ئاندىرى بورشكارت ھەيدەيدۇ، شىۋېتسىيەلىك ئۇچقۇچى بېرتراند پىكارت ھەمراھ بولىدۇ. ئومان پايتەختى مەسقات ئايروپىلاننىڭ تۇنجى بېكىتى بولىدۇ. بۇ ئايلىنىشنىڭ بەش ئايدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ناھايىتى يەڭگىل قىلىپ لايىھەلەنگەن ئايروپىلان سائىتىگە 50 كىلومېتىردىن 100 كىلومېتىرغىچە بولغان تېزلىكتە ئۇچالايدۇ. قاناتلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 مېتىر كېلىدۇ. ئايروپىلاننىڭ باتارىيەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەن تېزلىكتە ۋە كېچە سائەتلىرىدە ئۇچىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر