سۈرىيەدە دائېشنىڭ 2 قوماندانى ۋە نۇرغۇن مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

سۈرىيەدە دائېشنىڭ 2 قوماندانى ۋە 26 دائېش مىلىتانى ئۆلتۈراۈلدى..

253611
سۈرىيەدە دائېشنىڭ 2 قوماندانى ۋە نۇرغۇن مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ 2 دائېش قوماندانىنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.
سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش مەركىزىمۇ ھاماغا يېقىن جايدا ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئايرۇپىلانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 26 نەپەر دائېش مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش مەركىزى يەنە 12 دائېش مىلىتانىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان مايادىن ناھىيەسىدە قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئىراقتا تىكرىتنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر دائېشنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسىنىڭ ئەكسىچە داۋاملاشماقتا. ئىراق ئارمىيەسى ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان شىئە قىسىملار تىكرىتنىڭ شەرقىدىكى ئەل كاسىبا بىلەن ئەل ئالەم ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزدى.
تەخمىنەن 23 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەتتە ھەربىي قىسىملار تىكرىت ۋە يېقىن ئەتراپىدىكى ناھىيەلەرنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا دائېشقا قاتناشماقچى بولغان ئاۋىستىرالىيەلىك 2 ئەر بىلەن ئىسپانىيەلىك 1 ئايال نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر