دائېش تارىخىي يادىكارلىقلارنى نابۇت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئى ش ئى د) تارىخىي يادىكارلىقلارنى نابۇت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

253197
دائېش تارىخىي يادىكارلىقلارنى نابۇت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش ئىراقتىكى 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە سۇريانى شەھىرى نىمرۇدتىن كېيىن مۇسۇلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر خاترانىمۇ ۋەيران قىلىپ تاشلىدى.

ب د ت پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - UNESCO دائېشنى ياۋايىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

دائېش قوراللىقلىرى، 2 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەرگە قورۇلۇش ماشىنىلىرى بىلەن كىرىپ، يۈز يىللارغا دوئېل ئېلان قىلىپ تۇرۇۋاتقان تارىخىي يادىكارلىقلارنى كۇكۇم – تالقان قىلىپ تاشلىدى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، قەدىمىي شەھەردىن پارتلاش ۋە قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

شەھەردىكى ئالتۇن – كۈمۈشلەرمۇ دائېش قوراللىقلىرى تەرىپىدىن تالان قىلىندى.

ئىراق مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ھازىرغىچە شەھەردىكى ۋەيرانچىلىققا دائىر كۆرۈنۈشلەرنىڭ قوللىرىغا يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - UNESCO نىڭ قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى خاترا شەھىرى، 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق مۇقەددەمكى پارس ئىمپېراتولۇقى زامانىدا قۇرۇلغانىدى. شەھەردە 163 مۇنار ۋە كۆپ ساندا ھامماممۇ بار ئىدى.

دائېش ئۆتكەن ھەپتە مۇسۇل مۇزېىيىدىكى تەڭداشسىز يادىكارلىقلارنى بازغانلار بىلەن سۇندۇرۇپ تاشلىغان، ئارقىدىن سۇريانىلارنىڭ قەدىمكى پايتەختى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان نىمرۇدقا ھۇجۇم قىلغانىدى.

UNESCO باشلىقى ئىرىنا بوكوۋا، دائېشنىڭ ئىراقتا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، تارىخقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر