ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىش قارارىنى قوبۇل قىلدى

ئۇكرائىنا پارلامېنتى قوراللىق قىسىم خادىملىرى سانىنى 250 مىڭغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىنغان قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

250627
ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىش قارارىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان قارار لايىھەسى 270 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.
قارار لايىھەسىگە كۆرە، قوراللىق قىسىم خادىملىرىنىڭ سانى % 35 كۆپەيتىلىپ 250 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ 204 مىڭى ھەربىيلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.
ئۇكرائىنا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتر مېھېد، ئاۋازغا قويۇش ھارپىسىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، قارار لايىھەسىنىڭ دۆلەتتە ئېلان قىلىنغان قىسمەن سەپەرۋەرلىك دائىرىسىدە ھازىرلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مېھېد، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئەھۋالىغا قاراپ، ئەسكەر سانىنى قايتىدىن ئازايتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
قارار لايىھەسىنىڭ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە چېگرا رايونلىرىنى قوغداشنى نىشان قىلىدىغانلىقى تەكىتلىگەنىدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ سانى 2012 – يىلى 184 مىڭغا يەتكۈزۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر