ئى ش ئى د مەدەنىي مىراسلارنىمۇ قەتلى قىلماقتا

ئى ش ئى د پەقەت ئىنسانلارنىلا ئەمەس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنىمۇ قەتلى قىلماقتا.

250842
ئى ش ئى د مەدەنىي مىراسلارنىمۇ قەتلى قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلدىكى تارىخىي ھەيكەللەرنى چېقىپ تاشلىغان ئى ش ئى د، شەھەرنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە سۈريانى قەدىمى شەھىرى نەمرۇدنىمۇ توپا تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن ۋەيران قىلىشقا باشلىدى.
مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان نەمرۇد شەھىرىنىڭ تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى 13 – ئەسىرگىچە سوزۇلىدىغان بىر شەھەر.
1988 – يىلى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى جەريانىدا بايقالغان شەھەر، تارىختىكى ئەڭ مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك كەشپىياتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئى ش ئى د ئۆتكەن ھەپتىمۇ مۇسۇلدا مىڭلارچە يىللىق تارىخقا ئىگە ھەيكەللەرنى چېقىپ تاشلىغان ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر