غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەنمەكتە

ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كەتكەن غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەنمەكتە.

250535
غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدە زىيارەتتە بولغان نورۋېگىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بارد گلاد پېدېرسېن، غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى يىغىنىدا ۋەدە بەرگەن دۆلەتلەرنى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى.
پېدېرسېن، «مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋاتقان بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقى، غەززەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا جىددىي تۇتۇش قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى باشقا ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەقەززا قىلماقتا» دېدى.
مىسىردا ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى كونفېرانسىدا، 5.4 مىليارد دوللار ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىلگەن بولۇشىغا قارىماي بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق قەدەم تاشلانمىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قامىلى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان غەززەگە 2014 – يىلى 7 – ئىيۇل كۈنى باشلانغان ۋە ئۇدا 51 كۈن داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىدا 2 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، مىڭلارچە بىنا يەر بىلەن يەكسان بولغان ياكى زىيانغا ئۇچرىغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىغا كۆرە، بۇ يىل دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرى مەنئىي قىلىنغان «سەبت يىلى» غا قەدەم قويۇلۇشى تۈپەيلى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم غەززە رايونىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر