«ھىندىستان قىزى» نارازىلىق قوزغىدى

ب ب س نىڭ ھىندىستاندا ئۈچ يىل بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ۋەقەنى مەزمۇن قىلغان ھۆججەتلىك فىلىمى نارازىلىق قوزغىدى.

249631
«ھىندىستان قىزى» نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ب ب س (BBC) نىڭ، 2012 – يىلى ھىندىستاندا بىر قىزغا ئالتە كىشىنىڭ باسقۇنچىلق قىلغاندىن كېيىن، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشىنى مەزمۇن قىلغان ھۆججەتلىك فىلىمى يېڭى دېھلىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى نازارىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم تارقىتىلىدىغان بولدى.
ب ب س ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى چەكلىگەن «ھىندىستان قىزى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 8 – مارتتا كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راجنات سىنگ ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەلىرىنى ئەلبەتتە ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى، ئەمما بۇ تىراگېدىيەنىڭ سودا مەنپەئەتىگە قۇربانلىق قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقلرىنى ئېيتتى. ئۇ ب ب س مۇخبىرىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقان جىنايەتچىلەرنى قانداق زىيارەت قىلغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىندىستاندىكى ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئەمەس، بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئەيىبلەيدىغان پوزىتسىيە نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسى قىزنىڭ دادىسىمۇ، ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قارشى چىقتى.
ب ب س نىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمىدە، قىزنى ئەيىبلەپ دېيىلگەن «كېچىدە سىرتقا چىقمىغان بولسا ئىدى»، «باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرىدە ئەرلەردىن بەكرەك ئاياللارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى » دەك مەزمۇنلار بار. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن ئەنگلىيەلىك رېژىسسور ئۇدۋىنمۇ ئىلگىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
ئۇدۋىن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىر نارازىلىق، بىر ئىسيان خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتنىڭ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
قىز ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەردىن بىرى تۈرمىدە ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئەڭ كىچىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جىنايەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. جىنايەتچىلەرنىڭ ئالىي سوتقا قىلغان ئەرزىدىن ھازىرغىچە نەتىجە چىقمىدى. بۇ ۋەقە ئۈچ يىل بۇرۇن 20 مىنۇتتا بىر باسقۇنچىلىق جىنايىتى يۈز بېرىدىغان يېڭى دېھلىدا، چوڭ تەسىر قوزغىغان بولۇپ، يۈزمىڭلارچە ئادەم كوچىلارنى تولدۇرۇپ نامايىش قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر