بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى ئېچىلدى

12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3–يىغىنى بۈگۈن (5–مارت) بېيجىڭ خەلق سارىيىدا باشلاندى، يىغىنغا 3000 غا يېقىن ۋەكىل قاتناشتى.

371673
بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىدا، %7 ئېقتىسادىي ئېشىش، %3 پۇل پاخاللىقى نىشانىنى بەلگىلىدى.
12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىدا، 2015 – يىلىدا %7 لىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇرو ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان 3 مىڭ كىشى قاتناشتى. لى كېچياڭ ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، 2015 – يىلى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ %7، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ %3 بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 سەۋىيەدە تىزگىنلەپ تۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، تاشقى سودىنىڭ %6 ئاشىدىغانلىقىنى، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ %3.1 ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ 2015 – يىلى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ 886 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 142 مىليارد دوللار) بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ رەقەمنىڭ 2014 – يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %10.1 ئاشقانلىقى دىققەت قوزغىدى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ پارىخورلۇق ھادىسىلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمى ۋە قاتناش ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دۆلەتتىكى پارىخورلۇق مەسىلىلىرى كىشىنى چۆچۈتىدىغان سەۋىيەدە» دېدى. ئۇ خەلقنىڭ ھۆكۈمەتتىن كۈتكەن ئۈمىدى بويىچە، پارىخورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك ۋە چەت ئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا باشلانغان يىغىندىن بۇرۇن، تيەنئەنمېن مەيدانى تاقالغان ۋە ئەتراپىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىسلاھات قارارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقىرىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر