ئۇكرائىنادىكى بىر كاندا ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر كاندا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ، 32 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
247181
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 14 ئادەم يارىلانغان مەزكۇر كاندا يەنە 70 ئادەمنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كەلمەكتە. ئالاقىدار تارماقلار پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا كىرىش ئۈچۈن كاندىكى گاز تازىلاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مەزكۇر كاندا 2007 – يىلىمۇ ئېغىر كان قازاسى يۈز بېرىپ، 106 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.