ئافرىقىلىق 81 قاچاق قۇتقۇزۇۋېلىندى
تۇنىس ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، قانۇنسىز يوللار بىلەن ئىتالىيەگە كەتمەكچى بولغاندا كېمىسى بۇزۇلغان 81 ئافرىقىلىق قاچاقنى قۇتقۇزۇۋالدى.
247805
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قاچاقلار سومالى، نىگېرىيە،گامبىيە، مالى، گانا، پىل چىشى ساھىلى ۋە گىۋىنېيە – بىسسائۇ جۇمھۇرىيىتى ۋەتەنداشلىرىدىن تەشكىل تاپىدىكەن. تۇنىس ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى كېمىنى جەرجىس پورتىغا چىقاردى. كېچىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن قاچاقلارغا يېمەك - ئىچمەك ۋە بەتتانىيە بېرىلدى. قاچاقلارنىڭ دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلىش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.