پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە باشلاندى

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبرامانيىن ئىككى كۈنلۈك پاكىستان زىيارىتى دائىرىسىدە پاكىستانلىق مەنسەپدىشى ئەزىز ئەھمەت چودىرى بىلەن كۆرۈشتى.

247036
پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە مۇزاكىرە قىلىندى.
پاكىستان ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كەشمىر مەسىلىسى قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى چېگىش مەسىلىلەرنى مۇزاكىرلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبرامانيىن ئىككى كۈنلۈك پاكىستان زىيارىتى دائىرىسىدە پاكىستانلىق مەنسەپدىشى ئەزىز ئەھمەت چودىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى باھالاشلاردىن كېيىن دىيالوگ ئورنىتىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىش سۈرئىتى مۇئەييەنلىشىدۇ.
پاكىستان ۋە ھىندىستان 1947 – يىلى مۇستەقىللىقلىرىنى قولغا كەلتۈرگەندىن بۇيان ئۆز ئارا 3 قېتىم ئۇرۇش قىلدى. يەنە نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇشۇپ قىلىشقا تاس قالغان ئەھۋاللار بولدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ قېتىم باش مىنىستىر ناۋاز شەرىفنىڭ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارەندىرا مۇدىنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تۈزۈلۈش تەرەپكە يۈزلەنگەن ئىدى. بىراق پاكىستان باش ئەلچىسى كەشمىر قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ھىندىستان دىيالوگ ئورنىتىش ھەرىكىتىنى توڭلىتىپ قويغان ۋە ئارقىدىنلا ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى چارلىغۇچى ئەسكەرلەر ئارسىدىمۇ كېچىك تىپتىكى تۇقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر